باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا سالىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتمەكچى بولدى(1)

2014.11.03 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ لايىھەدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولدى: چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى كۈچەيتىش ھەم بۇ كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش؛ يالغاندىن توي قىلىش، يالغاندىن ھەمجىنس ئاشىق-مەشۇق بولۇش، يالغان خىزمەت قاتارلىق ساختا ناملار بىلەن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا زەربە بېرىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە دىققەتنى ئەڭ قوزغايدىغىنى يېڭى قانۇن لايىھەسىدىكى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىغا بولغان توساقنى بۇندىن بۇرۇنقى بىر مىليون فوند-سىتىرلىڭدىن ئىككى مىليون فوند سىتىرلىڭغا كۆتۈرۈش بولدى.

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر نىزامىنى ئەنگلىيە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ھەر يىلى 4-ئاي ۋە 10-ئايدا كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى چىقىرىپ، كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىنچىكە تەڭشەيدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى خېلى چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بىر قېتىملىقى دەپ قارالدى، بولۇپمۇ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىنىڭ توسىقى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ %25 نى قەرەللىك ئامانەت پۇل ياكى ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش تۈرىمۇ بىكار قىلىندى، ئىككى مىليون فوند-سىتىرلىڭنىڭ ھەممىسىنى زايوم، شىركەت زايومى، پاي چېكى ياكى ئەنگلىيە شىركەتلىرىگە سېلىش كېرەك دەپ بېكىتىلدى.

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ؟ كەسپىي تەھلىلچىلەر بۇنىڭغا پۇلنىڭ كەملىكىدىن بولدى دەپ جاۋاب بەردى. بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئىقتىسادى بىر يىلدىن بۇيان سەل ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن مالىيە قىزىل رەقىمىدىن باشتىن-ئاخىر قۇتۇلالمىدى. شۇڭا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشتىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىپ، ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، چەتئەللەردىن كەلگەن ئۆي مۈلۈك مەبلىغى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، بۇ-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولدى دەپ قارالدى؛ ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ھەم ئاممىنىڭ سىرتتىن كەلگەن مەبلەغنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكىگە بولغان نارازىلىقى ھەم ئاغرىنىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يېڭى لايىھەدە كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ دېگەن تۈر بىكار قىلىندى ھەم مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تەلەپ قىلىندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر