باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاننىڭ لاخاردىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 كىشىگە يەتتى

2014.11.04 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان يەرلىك ساقچى تەرەپ 2-نويابىر مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ شەرقىي قىسىمدىكى لاخار شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشتا ئاز دېگەندە 55 كىشى قازا قىلدى، 118 كىشى يارىلاندى. شۇ يەردىكى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پارتلىتىش نۇقتىسى بايراق چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدانغا تەخمىنەن 55 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر ئاشخانىغا يېقىن جايدا يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، 200 دىن كۆپرەك كىشى چېگرا رايونىدىكى بايراق چۈشۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى مەيداندىن ئايرىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ يىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان. كۆپلىگەن كىشىلەر ئېغىر يارىلانغاندىن سىرت، يېقىن جايدىكى ئاشخانا بىلەن ئاپتومبىلارنى ۋەيران قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر