باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل ئالىملىرى: جۇڭگو ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىدى

2014.11.04 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى. چەتئەللىك ئالىملار، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى مۇۋاپىق بولۇپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: ئىستانبۇل مۇساپىسى توغرىسىدىكى 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئىچىلىپ، جۇڭگونىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پاكىستان دۆلەت موداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رىفات ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ باشقا قوشنا دۆلەتلىرى ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرغا قويغان بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە مۇتەخەسسىسى باي نازاراۋا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئىستانبۇل مۇساپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۈستىگە ئىلىش-جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئافغانىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر