باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن 14 مىڭ 235ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2014.11.04 08:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئوقۇشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن 14235ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1838 دېلو دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 23387 جىنايەت گۇماندارىغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىلغان.

  دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش يېشىل شامال مەخسۇس ھەرىكىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تاموژنىلار دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىك دېلوسى 487 بولۇپ، باجدىن قېچىشقا چېتىلىق سومما 7 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاموژنىلار باجغا چېتىشلىق تاۋالار، زەھەر، قورال-ياراق، ئوق-دورا، چەتئەلدىن كىرگەن ئەخلەت قاتارلىقلارنى ئەتكەس قىلىشقا يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى داۋاملىق ساقلىغان. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تاموژنىلار دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلغان ئەتكەسچىلىك دېلوسى 1019 بولۇپ، باجدىن قېچىشقا چېتىشلىق سومما 11 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ۋە %52.9 كۆپ.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ گۇاڭجى مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە تاموژنىلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈرۈچ قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ ھەمدە نۇقتىلىق چېگرا رايونلاردىكى توشۇش، ئەتكەس قىلىش ۋە بازار ھايانكاشلىكىنى ئۇنىۋېرسال رەتكە سېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر