باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى(1)

2014.11.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئويناش ۋە رايون مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئافغانىستان مەسىلىسى ئىستانبۇل مۇساپىسى 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئافغانىستانلىق ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. رايون ئىچىدىكى 14 دۆلەت، رايون سىرتىدىكى 16 قوللىغۇچى دۆلەت، 12 خەلقئارا تەشكىلات ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن 4 رەئىس دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ۋە سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئافغانىستان مەسلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بەش تۈرلۈك تەشەببۇسىنى شەرھىلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان دوستلۇق سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىشى ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشنى قوللاپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئافغانىستاننىڭ رايون ھەمكارلىقىغا قوشۇلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىنغا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئوسمان بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىساددىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرماقتا، شۇنداق مۇھىم پۇرسەتكە ۋە كەسكىن خىرىسقا يولۇقماقتا. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا رايوندىكى دۆلەتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ سىلىق ئۆتۈشى ۋە بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي قوللاشتا قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سېگنال بېرىشى، ئافغانىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە يارىشىشى، ۋە تىنچلىقنى قايتا بەرپا قىلىشنى قوللاش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئافغانىستان ۋە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى تۇنجى قېتىم ئېچىشنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قۇۋۋەتلىدى ھەمدە يىغىندا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئافغانىستاننىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى قايتا قۇرۇلۇشى ۋە ئىستانبۇل مۇساپىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىندا بېيجىڭ خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، ئالتە چوڭ ساھەدىكى 64 ئالدىن ھەمكارلىشىش تۈرى بېكىتىلدى. كېينىكى نۆۋەتلىك يىغىننى 2015-يىلى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈش جاكارلاندى.

  ئافغانىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سەمىمۇللا، سامىم مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەشەببۇس، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئافغانىستان نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئافغانىستان جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، كەلگۈسىدە ئافغانىستاننىڭ تىنىچلق ۋە مۇقىملىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر