باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى(2)

2014.11.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسسورى سەيىد مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ دوست قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىنى ئۈستىگە ئىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي قويۇق دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدىكى جانلىق كۈچ. بۇ ئافغانىستان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ياخشى ئىش.

  ئافغانىستاندا چىقىدىغان قۇرۇلۇش گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى مۇھەممەت مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئافغانىستانغا ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بەردى ۋە تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئافغانىستاندا تىنىچلقنى قايتا بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىجادى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئافغانىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  مۇھەممەت يەنە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئافغانىستاندا تىنچلىقىنى قايتا بەرپا قىلىش رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئىستانبۇل مۇساپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى. مەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ يىغىن مەزگىلىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىغا دېققەت قىلدىم. بۇ ئۈنۈمنىڭ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ، ئافغانىستان مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇشۇنداق ئۈنۈم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقلىقنىڭ بولۇشى زۆرۈر.

  ئافغانىستان مەسىلىسى ئىستانبۇل مۇساپىسى 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرغان ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىن. ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىستانبۇل مۇساپىسى 2011-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ رايون دۆلەتلىرى يېتەكچىلىك قىلغان ئافغانىستانغا چېتىلىدىغان بىردىنبىر رايون ھەمكارلىق مېخانىزمى، ئافغانىستاندا قايتا تىنچلىقىنى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر