باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

موڭغولىيەگە قېچىپ كەتكەن بىر ئىقتىسادى جىنايەت گۇماندارى ئېلىمىزگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى

2014.11.04 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-نويابىر چۈشتىن كېيىن، توختام ئالدامچىلىقىغا چېتىلىدىغان جىنايەت گۈماندارى گو فامىلىلىك ئىچكى موڭغۇل ساقچىلىرى تەرىپىدىن جۇڭگو موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى گەنچىمود ئېغىزىدىن دۆلىتىمىزگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى. بۇ « تايغان 2014-يىللىق» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ساقچىلىرى مۇۋاپپەقىيەتلىك قولغا ئالغان موڭغۇلىيەگە قېچىپ كەتكەن تۇنجى ئىقتىسادى جىنايەت گۇماندارى.

  دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2012-يىلى 11-ئايدا گو فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارى ساختا دوكان ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى گۆرۈگە قويۇش ئارقىلىق باشقىلاردىن بىر مىليۇن يۈەن قەرىز ئالغان، ئۇ يېرىم يىللىق ئۆسۈمنى تۆلىگەندىن كېيىن، 2013-يىلى 7-ئايدا موڭغۇلىيەگە قېچىپ كەتكەن. شۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرشى بىلەن ئىچكى موڭغول ساقچىلىرى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قىممىتى بار يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارى گو فامىلىلىكنىڭ پېيىغا چۈشىدۇ. گو فامىلىلىككە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا تەكرار نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمايدۇ. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى موڭغۇلىيە ساقچى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى گو فامىلىلىكنى 1-نويابىر دۆلىتىمىزگە يالاپ ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر