باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك مۇتەخەسسلەر جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا يۇقۇرى باھا بەردى(1)

2014.11.03 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-نويابىر سەھەردە ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇر ئۈچۈن يول تەكشۈرۈپ بېرىدىغان قايتا كىرىپ قايتىش سىناق ماشىنىسى ئوڭۇشلۇق قوندى، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسلەر جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئاپىرىن ئېيتتى.

  ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى بەيكۇيسېت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ تۈر، يولغا قويۇلغان كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرقەدەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، فىرانسىيە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات مەركىزى ئىستراتېگىيە، پىلان ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى بوناۋېر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، جۇڭگو ئاي شارىنى ئاپتوماتىك تەشكۈرۈشتە بىر يۈرۈش ناھايىتى كۆپ مۇھىم تېخنىكىلارنى ئىگەللىدى.

  ئىلگىرى ئۇچقۇچى بولغان گېرمانيە مىيونخېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالەم ئىشلىرى پەنلىرى پروفېسسورى ۋارت: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى پۇختا، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھەربى ئىنىسىتىتوتىنىڭ پروفېسسورى فىرېيزې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بەلگىلەنگەن ئاينى تەكشۈرۈش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى سىناق بۇ ئىلگىرلەشكە تۈرتكە بولىدى، مېنڭچە ئادەملىك ئايغا چىقىش جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈشتىكى كەلگۈسى نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

  ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى بەيكۇيست مۇنداق دەپ قارىدى: ئاينى تەكشۈرگۈچنى ئايغا چىقىرىش، ئەۋرىشكە توپلاش ۋە قايتىشقا ناھايىتى ئىلغار ۋە مۇرەككەپ تېخنىكا كېتىدۇ، بولۇپمۇ تەكشۈرگۈچنىڭ يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قايتىپ كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى تېمپۇراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇڭا بۇ قېتىم قايتا كىرىپ قايتىشنى سىناق قىلىش كەلگۈسىدە ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇرنى سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گېرمانيەنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋارتمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇرنى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك، شۇڭا مۇشۇنداق قايتا كىرىپ قايتىش سىنىقى قىلىش زۆرۈر، مەيلى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بولسۇن ۋە ياكى سۈنئىي ھەمراھقا يول باشلاش سىستېمىسى بولسۇن، جۇڭگولۇقلارنىڭ نىشانى ئېنىق، ئەمەلىي، ھەرىكىتى كەسكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر