باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۆت جايدا بىر مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى قۇرۇلىدۇ

2014.11.03 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە بۇ يىل يورۇقلۇق ۋولت بىلەن توك تارقىتىشنىڭ يىللىق قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن بىر مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بىر مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 700 مىڭ كىلوۋاتلىق، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ شۇ جايلارغا سەككىز مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى بىر مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە، يىللىق كىرىمى بىر مىليارد 240 مىليون يۈەنگە، يىللىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 740 مىليون يۈەنگە، ھەر يىلى كۆپىيىدىغان مالىيە كىرىمى 142 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 500 چە ئادەمنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەش مىڭچە ئادەمنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست-ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ كۆمۈر زاپىسى بىر قەدەر ئاز، توك تەمىناتى يېتەرسىز، لېكىن قۇياش ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر