باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سايلام تىنچلىققا يېڭى توسالغۇ پەيدا قىلدى

2014.11.04 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگايرىنى 2-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق كۈچلەرنىڭ سايلىمى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى توسالغۇ پەيدا قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سايلام قانۇنسىز، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سايلام مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ روھىغا خىلاپ بولۇپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا توسالغۇ پەيدا قىلدى.

  ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاقىدار تەرەپلەرنى مىنىسكى كېلىشىمىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر