باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى شەرقىي قىسىمدىكى سايلام پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى

2014.11.04 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو 2-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، دونىستىك بىلەن لوگەنىسىك ئوبلاستىنىڭ ئىشغالىيەت رايونىدا سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن قىلچىمۇ بىردەك ئەمەسلىكىنى ھەمدە مىنىسكى كېلىشىمىگە قوپاللىق بىلەن خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى، توقۇنۇش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان پاراكەندىچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پورشىنكو زۇڭتۇڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا بىلەن پۈتكۈل مەدەنىيەتلىك دۇنيا بۇ مەيدان پاراكەندىچىلىكنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ ئاتالمىش سايلامنى ئەيىبلىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ بۇ سايلامنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى بۇ رۇسىيە ۋەكىللىكىدە ئىمزالانغان مېنىسكى كېلىشىمىگە قوپاللىق بىلەن خىلاپلىق قىلىنغانلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر