باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىلىم مۈلۈك سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىندى

2014.11.04 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئوقۇشىچە ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىنى سايلاش خىزمىتى يېتەكچى پىكىرىنى تۈزگەن ھەمدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇدىكى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن. پىكىردە مۇنۇلار بەلگىلەندى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمدە ئالاقىدار سوتلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنەۋۋەر سوتچىلار ئىچىدىن سايلىنىدۇ، شۇنداقلا ئوخشاش سالاھىيەت ۋە شەرتنى ھازىرلىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ئىشلىرى، قانۇنچىلىق تەتقىقاتى ۋە قانۇن ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملار ئىچىدىن سايلىنىدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق « بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلاش فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قىلدۇرالماسلىقىدا سوتچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچىلىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەھرىمەن بولىدىغان سوت ھوقۇقى چەكلىمىسى ۋە دەرىجىدە تەمىناتىمۇ ھازىرقى مەملىكەت بويىچە باشقا ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى سىستېمىسىنىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتىدىكى ئۈلگە ۋە ئۆرنەككە ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر