باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى(1)

2014.11.03 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە كىرىپ قالغان بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بىراق يېقىندا ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى غەنىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن كېيىنكى دەۋرىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى بىلەن ئەنگلىيە قىسمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرلىرى ئافغانىستان ۋاقتى بىلەن 26-ئۆكتەبىر ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى ئافغانىستان ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئىراقتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.

  ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمى 26-ئۆكتەبىر ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىلماندى ئۆلكىسىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەربىي بازىسىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا 13 يىل داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، پاسشىن بازىسىغا يېقىن بولغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىمۇ شۇ كۈنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئەنگلىيە 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن ھەمدە 2006-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھىلماندى ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ ئەۋج ئالغان رايوندا تۇرغان. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ھىلماندى ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلەپ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 13 يىلدىن بۇيان، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 453 ئەسكىرى ئافغانىستاندا قازا قىلغان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قازا قىلغان ئەسكىرىنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن.

  ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىكى ھالقىلىق رايوندا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، بىرلەشمە قىسىمدىكى ئادەم سانى 40 مىڭغا يەتكەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئەسكەرلەر قسىقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىگە قايتىدۇ. گەرچە چېكىنىشنىڭ كونكىرېت ۋاقتى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق كۆپلەپ چېكىنىش دولقۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى بىر مۇقەررەرلىك. بۇ ۋاقىتتا ھىلماندى ئۆلكىسىدە چەتئەل ئەسكەرلىرى بولماستىن، پەقەت ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىر گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىلا تۇرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر