باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى(3)

2014.11.03 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە، ئافغانىستان ئۇرۇشى ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ئامېرىكىلىق بىرىگىمۇ يەتمىدى. ئەنگلىيە رادىيو شېركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قوراللىق ئارىلىشىشىنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى پىكىردە ناھايىتى زور ئىختىلاپ ساقلانغان. يېرىمغا يەتمىگەن زىيارەت قىلىنغۇچى بۇ مەيدان توقۇنۇش ئامېرىكا ئۈچۈن ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان.

  ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ ھىلماندى ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى مەڭگۈلۈك چۈشۈرۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى غەنى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى.

  ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بولغىنىغا بىر ئاي بولغان ئەشرەف غەنى ئەخمەتزائى 28-ئۆكتەبىردىن باشلاپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا باشلىدى. بۇ غەنىنىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، ئەمدىلا ئافغانىستاندىكى قارا تۈتەك ئىچىدىن قۇتۇلغان غەرب تاراتقۇرلىرى بۇنىدىن تېخىمۇ ئېچىنىشقا باشلىدى. 13 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان ئافغانىستان ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن قۇرۇق قول چېكىنىپ چىقتى. بىراق ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يۈرۈكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ بەلباغنىڭ ھاكىمىيەت بوشلۇقىنى تولدۇرۇش جۇڭگوغا قالدى.

  غەنى يەنە 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئىستانبۇل مۇساپىسى يىغىنىغا قاتنشىدۇ، جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ كان بايلىقىنى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى توغرىسىدىكى پەرەزلەر غەرب تەرەپنىڭ جۇڭگونى تەنقىد قىلىدىغان بايرىقىغا ئايلاندى.

  جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىسى بويىچە ئالىمى جاۋگەنچىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىگە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى 13 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتا، ئافغانىستانلىق كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە جەمئىيىتىنىڭ داۋالغۇشى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولدى. غەرب ئەللىرى جۇڭگونىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە مەبلەغ سالغانلىقى توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىشقا قىلچىمۇ ھوقۇقى يوق.

  ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئافغانىستان خەلقى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ۋە ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، بولۇپمۇ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مېنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچىسىنى ئەۋەتكەنلىكى، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئافغانىستان جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ، ھەمدە جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىنى ۋە تەرەققىياتنى ساقلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇ كۈنى، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ 2014-يىلى ئافغانىستانغا ھەقسىز 500 مىليون خەلق پۇلى ياردەم بېرىدىغانلىقى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەنە 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ھەقسىز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ غەنىگە مۇنداق دېدى: ئافغانىستان سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساددىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئۆتكەلنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە پىلانلىنىشىنى قوللايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر