باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى(2)

2014.11.03 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى يەنىلا ئافغانىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى كۆپلىگەن زېمىنلارنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. پايتەخت كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشمۇ توختىمىغانلىقتىن ئافغانىستان، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن ئىچكى بىخەتەرلىك جەھەتتە سىناقلارغا يولۇقىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى فاللون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كىيىن ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەنسىزلىك ئىچىدە قالدى. ھىلماندى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئەنگىلىيەنىڭ ئۆتكەن 13 يىلدا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۆلكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدۋارلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئافغانىستاننىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ يەنىلا ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى.

  ئامېرىكا قوشما شىتات ئاگېنتىلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2016-يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈش ئويى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئىككىلىنىش پەيدا قىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان تالىبان تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئافغانىستان ۋەزىيىتى تېخى مۇقىملاشمىدى، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن بۇ قارارنى چىقىرىشى سەل بالدۇرلۇق قىلدى.

  ئىراقنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلى ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئەڭ ئېغىر كىرىزىسىگە پېتىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇھىم نۇقتىنى ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇش ۋە ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدەك تارىخى ساۋاقلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن ئۇرۇش ئىچىگە كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى تەكىتلىدى. ئافغانىستان ئىراق بىلەن ئوخشاش مەسىلىگە يەنى نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن مەملىكەت ئىچىدە سىياسىي بوشلۇق پەيدا بولۇپ، سىياسىي كۈرەش كېلىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا كانىك خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئاكادىمىيەسىنىڭ رەئىسى ماشۇس يېقىندا ئېچىلغان دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرىدە ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىغان بولسا، ئافغانىستان تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش جايىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋەيران بولۇشتەك تەسىرگە يولۇقىدۇ.

  بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋاڭ شىجې مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىغاندىن كېيىن، تېزدىن كەڭ قورساق ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشى كېرەك. ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر باشقا كۈچلەرنىڭ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشى كېرەك . يېڭى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە سۆزلىشىش جەھەتتە يەنە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر