باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى(4)

2014.11.03 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن كېيىنكى بىر ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقىغا ئايلاندى. پاكىستان ئېقىم مەسىلىلىرى قارشى تورى 28-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت غەنىنىڭ سىرتنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غەرەپكە ئېقىپ كەتتى دىگەن قارىشىنى تۈگىتىدۇ. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 2-كۈنى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەۋجۇت بولۇش تۇرغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا ئوينايدىغان رولى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، غەنىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە قاتنىشىشىغا يول ئىچىپ بەردى.

  ياپونىيەدە چىقىدىغان دىپلوماتلار گېزىتىدە يېقىندا مۇنداق دېيىلدى: غەنىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن كېيىنكى يېپيېڭى دەۋرگە كىرىش پەيتىدە، ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى يەتكىچە تارتقان ئافغانسىتان جۇڭگونىڭ سىياسى جەھەتتە قوللىشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، ئىقتىسادى جەھەتتە ياردىمىگە تىخىمۇ مۇھتاج. جۇڭگو يولغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى پىلانى بايلىقى مول بولغان ئافغانىستانغا بىر يۈرۈش ئاساسىي مۇئەسسئەسسە جەھەتتە مەبلەغ سېلىشغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنسە قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشنى توسىدۇ. مۇقىم بولغان ئافغانىستان بۆلگۈنچىلىكنى توسۇپ، تېررورلۇقنىڭ چەتئەللەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ قالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر