باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

5 مىليون 200 مىڭ كىشى خەلقئارانىڭ جىددىي ياردىمىگە مۇھتاج بولدى(1)

2014.11.03 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق كىرىزىسنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئېغىرلىشىپ، 5 مىليون 200 مىڭ كىشى خەلقئارانىڭ جىددىي ياردىمىگە مۇھتاج بولدى.

  يېقىندا ئىراقتىن قايتىپ كەلگەن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئەمەلدارى، بىر مەيدان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى توقۇنۇش بولىۋاتقان بۇ دۆلەتتە پەيدا بولماقتا دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق خەلقئارانىڭ 1 مىليون 800 مىڭ مۇساپىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىليون 200 مىڭ ئىراقلىقنىڭ قىشدىن ئۆتىشىگە ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج بولماقتا.

  ئىراقتا سوغۇق چۈشۈشكە باشلاپ، يامغۇرمۇ ناھايىتى كۆپ يىغىشقا باشلىدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى يامانلىشىشقا باشلىدى، نەچچە مىليون ئىراقلىق يولۇققان ئېچىنىشلىق ئەھۋال بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يامانلىشىشقا باشلىدى.

  ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى باغداد، ئېربىل، دۇخۇك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا زىيارەتتە بولدى، ھەمدە ئىراق بىلەن تۈركىيە چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق دېدى: كوردىستاننىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ يەردىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققان. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان 1 مىليون 800 مىڭ مۇساپىرنىڭ 850 مىڭى نۆۋەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇساپىرلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى بالىلار ئىكەن.

  ئالاقىدار ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: نەچچە يۈز مىڭ كىشى شارائىتى ناچار ئورۇنلارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلار تېخى پۈتمىگەن ئىمارەت، يول، كۆۋرۈك ۋە ئاممىۋىي ئىمارەتلەر ۋە مەكتەپلەردە تۇرغان.

  ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشىكىلاتىنىڭ ياردەمچى كاتىپى ھېسام يۈسۈف مۇنداق دېدى: كوردىستاندىكى تەخمىنەن 400 مەكتەپ مۇساپىرلارنى ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىش ئورنى قىلىنغانلىقتىن، بۇ يىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى 12-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرلەر زور ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مۇھتاج.

  ئۇ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدىكى ماددىي ئەشيالار ۋە پاناھلىنىش ئورنى ئاچقۇلۇق بولغان بولۇپ، شىمالىي قىسىمدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ناچار .داۋالاش كۈتۈنۈشمۇ ئاچقۇچلۇق بولغان، چۈنكى كۆپلىگەن مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا داۋالاش ئەسلىھەلىرى تەسىس قىلىنمىغان. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان. مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپكە بارالمىغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر