باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

5 مىليون 200 مىڭ كىشى خەلقئارانىڭ جىددىي ياردىمىگە مۇھتاج بولدى(2)

2014.11.03 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ھەپتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ 5 مىليون 200 مىڭ ئىراقلىقنىڭ 2015-يىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئىھتىياجىنى قالدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. نۆۋەتتە 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇپ ئىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىئانە قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقنىڭ ئۈچتەن بىر قىسىم زېمىنىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 3 مىليون 600 مىڭ ئىراقلىق بۇ رايوندا تۇرىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليون 200 مىڭ كىشى جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەن.

  باش ئەلچى يۈسۈف مۇنداق دېدى: بۇ كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياردەم بەرگۈچى تەشكىلاتلار بارالمايدىغان رايوندا تۇرماقتا. بىراق ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بىر قىسىم ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى بۇ رايونغا يەتكۈزسە، ئاندىن شۇ يەردىكى مەھەللە رايونلىرى بۇ ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى غازاتچىلار كونتىرول قىلىپ تۇرغان رايونىدىكى پۇقرالارغا يەتكۈزۈش ئۇسۇلىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ھۆكۈمەت بولۇپمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلغان ماددىي ئەشيالارغا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئېرىشىپ قىلىشدىن، ھەمدە بۇ ماددىي ئەشيالارنى بىر خىل سىياسىي مەقسەتتە تارقىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ئىسلام ئەللىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: كوردىستاننىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراقنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بىزگە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق يامانلاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى شۇكى، كىشىلەر ئىراق كىرىزىسى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاخىرلاشمايدۇ دەپ قارىماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر