باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا سالىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتمەكچى بولدى(2)

2014.11.03 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنگلىيە كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، زايوم، پاي چېكى، شىركەت زايومىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقمۇ ئوخشاشلا نەپكە ئېرىشەلەيدۇ، پەقەت مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ-خالاس. ئەنگلىيەدە كېلەر يىلى چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى، بولۇپمۇ ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئىككى مىليون فوند-سىتىرلىڭنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئۆي مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىشى پۈتۈنلەي ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىشنى ئويلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە يېڭى قانۇن لايىھەسىدە 20-ئۆكتەبىردىن تارتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشمۇ ئەلرايىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئىش دەپ قارالدى.

  يۇقىرىدىكى كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ سوممىسى ھەم تۈزىتىلمە لايىھە 6-نويابىردىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئەمما بۇندىن بۇرۇن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، كۆچمەنلىك ۋىزىسىغا ئېرىشكەنلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنە بىر خىل قاراش شۇكى، ئەنگلىيەنىڭ مۇشۇنداق چاغدا كۆچمەنلەر قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى چىقىرىشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا كۆچمەنلەر مۇھىتى بىلەن ئۇيغۇنلاشقانلىق. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئايدا كانادا كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سالىدىغان بارلىق ئىلتىماسنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئامېرىكا 9-ئايدا بۇ يىللىق كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋىزا سانىنىڭ توشۇپ بولغانلىقى، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ تەرتىپ بويىچە ئۆچىرەت ساقلاش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشى بولۇپ، باھانى ئۆستۈرۈشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشقا ئايلانغان. كەسپىي ئەربابلار ئومۇمىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەنگلىيەنىڭ بۇ قېتىم مەبلەغ سوممىسىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سېلىش دولقۇنىغا سوغۇق سۇ سەپمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن بولۇشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېيىشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر