باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون جەنۇبىي سۇداندىكى ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قايتىدىن توقۇنۇشقانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2014.11.03 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 30-ئۆكتەبىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قايتىدىن توقۇنۇشقانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  بان كىمون، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل بىلەن سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ماشارنىڭ بارلىق قوراللىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى سەمىگە سالدى.

  بان كىمون يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئۆمىكىنىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاگېردا پاناھلانماقتا. ئۇ، جەنۇبىي سۇداندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر