باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۈز شەھەردە زەھەرنى مەنئىي قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2014.11.03 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۆنۈگۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سېنتەبىردىن ئاخىرى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى يېرىم يىللىق يۈز شەھەردە زەھەرنى مەنئىي قىلىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈردى، 1-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە، مەملىكەت بويىچە پاش قىلىنغان زەھەر جىنايىتى دېلوسى 10 مىڭ 427 بولۇپ، تۈرلۈك زەھەر بۇيۇمىدىن 9.14 توننا قولغا چۈشۈرۈلگەن، زەھەر چەككۈچىدىن 55 مىڭ 981 ئادەم قېتىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە مەلۇم قىلغان «زەھەر چېكىپ ماشىنا ھەيدەپ» ۋەقە سادىر قىلىپ ئۆلۈم يېتىم پەيدا قىلىش، زەھەر چېكىش تۈپەيلىدىن يولدا كېتىۋاتقانلارنى چاناش، مەكتەپكە ئۈسۈپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى چاناش، ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىنى چاناش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش، زەھەر سېتىۋالىدىغان پۇلنى تېپىش ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىش، كۆپ قېتىم ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق زور ناچار خاراكتىرىلىك دېلودىن 104 ى يۈز بەرگەن.

  زەھەر مەسىلىسى ئىجتىمائىي ئامانلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، خاتىرجەم جۇڭگو، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئېغىر چەكلىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى بۇ قېتىمقى يۈز شەھەردە زەھەر مەنئىي قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر