باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا 25 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

2014.11.03 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا 1-نويابىر مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن بۇ قارارنى تارقاتتى.

  بۇ-مەمۇرىي دەۋا قانۇنى 1989-يىلى تۈزۈلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەمۇرىي دەۋا قانۇنى-پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلسا بولىدىغان قانۇن بولۇپ، يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدا پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىڭ قانۇنىي يولى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەم مەمۇرىي ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى ئەرز قىلىش، قاراپ چىقىش، كېسىم چىقىرىش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق مېخانىزملار ياخشىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەرز قىلسا بولىدىغان مەمۇرىي قىلمىشلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىگە بولغان نازارەت كۈچەيتىلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ مەزمۇنلار-ئېلىمىزنىڭ مەمۇرىي دەۋا تۈزۈمىدە ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن ئەرز قىلىش، قاراپ چىقىش، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي سوتلاش ھوقۇقىنى نىسبىي مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ۋە ئەدلىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر