باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى بەش تۈرلۈك تەشەببۇسىغا ئىجابىي باھا بېرىلدى

2014.11.03 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىستانبۇل مۇساپىسى 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئافغانىستاننى ئافغانىستانلىقلار ئىدارە قىلىش، سىياسىي جەھەتتىكى يارىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىنى قايتىدىن يۈكسەلدۈرۈشنى تېزلىتىش، تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تاشقى جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئافغانىستان سىياسونلىرى ۋە ئالىملىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئافغانىستان مەسلىسىنى بالدۇر ھەل قىلىشقا، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلدى.

  ئافغانىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ سامى موللا سامىم مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەشەببۇس، ئافغانىستان نۆۋەتتە يولۇقىۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئافغانىستان نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئافغانىستان جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوللىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  ئافغانىستان كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسسورى سەيىد مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك تەشەببۇس ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ دوست دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىنىنى ئۈستىگە ئىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي قويۇق دوستلۇقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  ئافغانىستاندا چىقىدىغان قۇرۇلۇش گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى مۇھەممەت مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئافغانىستانغا ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بەردى ۋە تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  ئافغانىستان مەسىلىسى ئىستانبۇل مۇساپىسى توغرىسىدىكى 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، 14 رايون دۆلىتى، 16 رايون سىرتىدىكى دۆلەت ۋە 12 رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر