- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىنى تۆتىنچى قېتىم ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشياسى بىلەن تەمىنلىدى
2014.11.03 14:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن تۆتىنچى تۇركۇمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشياسى قاچىلانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىل ئەترىتى 31-ئۆكتەبىر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا يېتىپ باردى.
ئاپتوموبىل ئەترىتى 100 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كونسېرۋا، ئەينەك، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق ماتېرىياللار قاچىلانغان بولۇپ، جەمئىي مىڭ توننا كېلىدۇ.
دونىتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دونىتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت ئەترىتى قۇردى. ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالار ئەڭ بۇرۇن مەكتەپ، دوختۇرخانا، بالىلار باغچىسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش پونكىتلىرىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر