خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «‹ئاقسۇ ئالمىسى قىزاردى› پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئالما سېتىۋېلىش زاكازلىرى ھەر تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى، بىزمۇ بىرئاز يېتىشەلمەي قالدۇق.» دېدى 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى خوڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا-ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جوچاۋ خوشال ھالدا. نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى خوڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يىگىرمە مىڭ توننىدىن ئارتۇق 130 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئالما سېتىۋېلىش زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى