باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 125 مىليون يۈەن ئاجىرتىپ شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى تەنتەربىيە بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ

2014.10.31 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېقىندا 125 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرتىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى 3000 دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ياردەملىشىپ قۇرۇپ بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ياردەملىشىپ قۇرۇپ بېرىشتە ھەر بىر مەمۇرىي كەنتكە 50 مىڭ يۈەن ئاجىرتىلىدىغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 8 ناھىيە شەھەردىكى 931 مەمۇرىي كەنت، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 11 ناھىيە شەھەردىكى 1558 مەمۇرىي كەنت، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 9 ناھىيە شەھەردىكى 613 مەمۇرىي كەنت ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى 56 مەمۇرىي كەنتتىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە 32 مىليون 900 مىڭ يۈەن يۈرۈشلۈك مەبلەغ ئاجىرتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى قالغان 658 مەمۇرىي كەنتنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست يېزىلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن پۈتۈنلۈي قاپلىنىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر