- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ليۇ چىباۋ ‹‹خەنزۇشۇناسلىق ۋە ھازىرقى جۇڭگو›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
2014.10.31 16:12 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 29-ئۆكتەبىر ‹‹ خەنزۇشۇناسلىق ۋە ھازىرقى جۇڭگو ›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەنزۇشۇناسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 29-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 29-ئۆكتەبىر ‹‹ خەنزۇشۇناسلىق ۋە ھازىرقى جۇڭگو ›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەنزۇشۇناسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ‹‹ يىلتىزى ›› ۋە ‹‹روھى›› بولۇپ ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك .
سۆھبەت يىغىنىدا ليۇ چىباۋ ئەنگلىيە ، رۇسىيە ، ھىندىستان ، فىرانسىيە ، كانادا ، ئامېرىكا ، مىسىر ، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەنزۇشۇناسلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ، جۇڭگو ھېكايىلىرىنى سۆزلەشتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر