باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئومۇمىي يىغىن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىكنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى

2014.10.31 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەسى يېڭى تەرتىپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تۆۋەنلەش بېسىمى ۋە تىپ ئۆزگەرتىش قىيىن مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان جۇڭگو ئىگىلىكىمۇ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ «يېڭى نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىر سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىندى.

  «قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ماھىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىكتۇر. بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىتىش ۋە ھۆكۈمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كېلىشىمنى ھىمايە قىلىش، بازارنى بىرلىككە كۈلتۈرۈش، ئادىل ئالماشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە دائىر قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادىللىق يادرولۇق پىرىنسىپ قىلىنغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرخىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە تەبىئىي شەخىسلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا بولغان قوغداشنى كۈچەيتىش، ئادىللققا خىلاپ قانۇن-نىزام ماددىلىرىنى تازىلاش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى مۈلۈكلىرىنى قوغداش تۈزۈملىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكى، كوللېكتىپ مۈلۈك ئىگىدارلىقى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ھەرخىل كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.جاڭ يى خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر