باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىش سىياسىتىنى بوشىتىش تەتقىق قىلىندى

2014.10.31 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ ئالدىنقى كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىپ ئۆي ئىجارىسىگە تۆلەش شەرتلىرىنى بوشىتىش تەلەپ قىلىندى. بېيجىڭ تۇرالغۇ فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ تۇرالغۇ فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىش سىياسىتىنى بوشىتىش تەلىپىنى تەتقىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىشقا مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن يول قويغان شەھەر بولۇپ، بېيجىڭدا تۇرالغۇ فوندى تاپشۇرۇدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۇرالغۇ فوندىنى ئىشلىتىپلا قالماستىن بەلكى سىرتتا ئۆي ئىجارە ئالغاندا ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن. مەملىكەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بۇ جەھەتتە بېيجىڭ شەھىرىنى ئۈلگە قىلسا بولىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر