خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بېسىمسىز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مانېۋىر جەريانىدا پايتەخت ئايرودرومىغا قاراپ ماڭماقتا. شۇ كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بېيجىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئېبولا قاناش يۇقۇم ئەھۋالىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق مانېۋىردا ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن ئۈستەلدە مانېۋىر قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بېيجىڭدا تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېبولا قاناش يۇقۇمىغا دەل ۋاقتىدا، ئىلمىي، تەرتىپلىك تاقابىل تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىك تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى