باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېتىم بالا 542 مىڭغا يەتتى

2014.10.29 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-ئۆكتەبىر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 542 مىڭ يېتىم بالا بار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزلىك بېقىلغان يېتىم بالا 96 مىڭ، جەمئىيەتتە تارقاق يۈرۈۋاتقان يېتىم بالا 446 مىڭ ئىكەن.

  مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بالىلارنى بېقىۋېلىش، قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت ئورگىنى 801 گە؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورگىنى 35 مىڭ 288 گە يەتكەن.

  خەيرى-ساخاۋەت ئىئانىسى جەھەتتە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە دائىملىق ئىجتىمائىي ئىئانە خىزمەت پونكىتى، نۇقتىسى ۋە خەيرى-ساخاۋەت تاللا بازىرى 26 مىڭغا يەتكەن. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىن تۆت مىليارد 500 مىليون يۈەن ئىئانە پۇل تاپشۇرۇۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر