خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:18-نويابىر سەھەر سائەت 4 دە، 35 توننا ئالما قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى، كورلا شەھىرىنىڭ غەربى ۋوگزال ئەتراپىدىكى 314 دۆلەت يولىدىكى بىر ئۈچ كوچىدىن بۇرۇلغاندا، ئاپتوموبىلدىكى ئالمىلار تۇيۇقسىز يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. توڭلىتىش ئامبىرى ئىشچىلىرىنىڭ ئون نەچچە سائەت تېرىپ قاچىلىشى ئارقىلىق مال ئىگىسىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىسادىي زىيىنىنى ساقلاپ قېلىنغان. مال ئىگىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، زىيان بولغان ئالما 12توننىدىن ئاشىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى