2014-يىلى 19-نويابىر ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيىدىكى تۇنجى ئېكىلوگىيىلىك ئاممىۋىي ئاپتوبۇس Bio-Bus يېقىندا يولغا چىققان بولۇپ، Bath دىن Bristol ئايرودرومىغا قاتناشقا باشلىغان (تەخمىنەن 32 كىلومېتىر). بۇ خىل ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ئىنسانلارنىڭ گەندىسى ياكى تاشلىۋېتىلگەن يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولغان پاتقاق گازىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. Bio-Bus ئاپتوبۇسىدا 40 كىشىلىك ئورۇن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ بىر سىلىندرلىق يېقىلغۇسى، بەش كىشىنىڭ بىر يىللىق گەندىسىدىن ھاسىل بولغان پاتقاق گازىغا باراۋەت كېلىدۇ. بۇ يېقىلغۇ ئاپتوبۇسنىڭ 305 كىلومېتىر يولنى بېسىپ تۈگىتىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پاتقاق گازلىرى Wessex ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ GENeco كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.