ئويۇن قويۇش ئەترىتى قوغان يېزىسىدا ئويۇن قويماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىدىكى 89 نەپەر خەلق سەنئەتكارىدىن تەشكىللەنگەن «12 مۇقام» ئويۇن قويۇش ئەترىتى سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدىن نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا-باشقارما، كەنت-مەھەللىلەردە 72 مەيدان/ قېتىم ئويۇن قويۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى.