باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: پىراۋا ئىمتىھانى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقى بېرىلىدۇ

2014.11.25 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر شىجياجۇاڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ 24-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شوپۇر تەربىيەلەش ئىمتىھانى ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھازىر تەكشۈرۈپ دەلىللەۋاتىمىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر ئېلىپ، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئالىمىز.

  مۇخبىر يەنە مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: جەمئىيەتتىكى ھەرساھە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ پىراۋا ئېلىش مەسىلىسى ھەققىدە، مەلۇم دەرىجىدە، مەلۇم شەرت-شارائىت ئاستىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ.

  خۇاڭ مىڭ 24-چېسلا شىجياجۇاڭدا ئېچىلغان ئۆلكە-شەھەرلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتى، شوپۇرلۇق مەكتىپى، خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، مۇلازىمەتنى نىشان قىلىپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شوپۇر تەربىيەلەش ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش لازىم. (زو ۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر