باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىزگە مانا شۇنداق خىزمەت گۇرۇپپىسى كېرەك»

2014.11.26 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ــــ ئاپتونوم رايونلۇق چاڭچېڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش پۇل مۇئامىلە-ئىجارىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن باي ناھىيە كانچى يېزا دۆڭئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا

  قۇربان سايىم، قۇربان مولنىياز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق چاڭچېڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش پۇل-مۇئامىلە- ئىجارىگەرلىك چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىدىن باي ناھىيە كانچى يېزا دۆڭئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلار بىلەن خىزمەتتە، تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، مۇقىملىققا ئائىت سىياسەت-بەلگىلىمىلەر ۋە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى، كەنتنىڭ 2014-يىللىق ۋە كەلگۈسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشكە ياردەملىشىپ، كەنتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نامرات، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئىنىچكىلىك بىلەن ئېنىقلاپ، تۆت قېتىم كەڭ-كۆلەمدە ھال سوراش، ياردەم بىرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاۋال ئىشنى ئاساسىي قاتلام قۇرلۇشىنى كۈچەيتىشتىن باشلاپ، 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ 3000 كۋادراتمېتىر كۆلەمدىكى كەنت ھويلىسنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانى ياساپ بەردى. ۋالىبول سېتكىسى، ۋاسكېتبول گارى قاتارلىق تەنتەربىيە-چېنىقىش ئۈسكىنلىرىنى تولۇقلاپ، پائالىيەت ئۆيىگە سىنقويغۇ ئاپپاراتى سەپلەپ بەردى. 750 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ كەنتكە سۇغىرىش ھەم ئىچىملىك سۇدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان ئىككى قۇدۇق قېزىپ بېرىپ، 1000 مو تېرىلغۇ يەر، 2000 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسلىسنى ھەل قىلىپ بەردى. 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قىيىنچىلغى بار، مېيىپ، ياشانغان، باققۇچىسى يوق ئائىلىلەردىن كۆمۈر، ئۇن-ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سورىدى. كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 20 نەپەر قىيىنچىلغى بار ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 500 يۈەندىن ئۇدا 3 يىل ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك ياخشى ئىستىلىنى نامايە قىلدى

  بۇ بىر يىلدا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ۋە كەنت خەلقىغە قىلىپ بەرگەن چوڭ-كىچىك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلىرى 70 تۈردىن ئېشىپ، مەبلەغ ئومۇمى سېلىنمىسى بىر مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئاممىنىڭ بۇ خىزمەت ئەترىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتى 99.6%كە يېتىپ، ئەل قەلبىنى ھەقىقىي مايىل قىلدى.

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇراپ ئابلا مۇنداق دىدى: «بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى خەلقپەرۋەر، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كادىرلار ئىكەن، ئۇلار كەنتىمىزدە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، ئەل قەلبىنى رام قىلىۋالدى، بىزگە مانا شۇنداق خىزمەت گۇرۇپپىسى كېرەك، مانا بۇ ئاۋامنىڭ يۈرەك سۆزى».

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يىڭجاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆڭئېرىق كەنتى باي ناھىيەسى بويىچە ئارقىدا قالغان كەنتلەرنىڭ بىرى. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە قاراتتۇق، بۇ يىل كەنت ۋە كەنت خەلقىغە ئاجراتقان مەبلىغىمىز پىلاندىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، كەنت ۋە كەنت خەلقىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلغىنى ھەل قىلىپ بېرەلىگىنىمىزدىن خۇشالمىز».

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر