باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپا خادىملىرى ھەققانىيەت ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى

2014.11.26 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابدۇرېھىم خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن چارىباغ يېزا چوڭكۆلبېشى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جاريانىدا سىرتتىن كەلگەن ئۈچ سودىگەرنىڭ كەنتتە ياڭاق ئېلىۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭمۇ بەس-بەستە ياڭاق سېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاممىغا ياردەم قىلالىغۇدەك بىرەر ئىشىنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ياڭاق سېتىۋېلىش ئورنىغا كەلدى. نەق مەيداندا، دېھقان ئابدۇللا ئەخمەت ئۆيىدىكى ياڭاقلارنى تارازىغا بېسىپ جىڭلاۋاتاتتى. ياندا قاراپ تۇرغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەتئابدۇللا مەتنۇرى تارازىغا بېسىلغان بەش تاغار ياڭاقنىڭ «ھەر بىر خالتىسىنى 40 كلوگرامدىن 200 كلوگرام كېلىدۇ» دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. ئەمما تارازا 180 كلوگرامنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، بۇ ئىش ھەممە ئىشلارغا ئەتراپىلىق قارايدىغان مەمەتئابدۇللا مەتنۇرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، ئۇ دەرھال تارازىدىكى ياڭاقلارنى چۈشۈرۋېتىپ، ئۆزىنى تارازىغا سېلىپ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۆزىنىڭ بىراقلا 21 كلوگرام «ئورۇقلاپ» كەتكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنا كەنتتىن باشقا بىر تارازا ئەكىلىپ ئۆزىنى جىڭلاپ باقتى، ئەمما بۇ قېتىم بەدەن ئېغىرلىقى نورمال چىقتى، ئۇ يەنە ھېلىقى سودىگەرنىڭ تارازىسىدا ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم جىڭلاپ باقتى، لېكىن يەنىلا 21 كلوگرام يېنىك چىقتى. ئەمەلىيەت ياڭاق سودىگەرلىرىنىڭ تارازىسىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئېتىراپ قىلمىدى ھەمدە مەمەتئابدۇللا مەتنۇرىنى يانغا تارتىپ، غەلۋە-دۇرۇر قىلمىسا، 1000 يۈەن «چاي پۇلى» بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەمەتئابدۇللا مەتنۇرى ھەققانىيەت ئالدىدا مەككار سودىگەرلەرنىڭ ئازدۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلدى ھەمدە بۇ سودىگەرلەرنىڭ ئاللىقاچان بىر ماشىنا ياڭاق ئېلىپ بولغانلىقىنى، نۇرغۇن دېھقاننىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال يېزىلىق ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى.

  ساقچىخانىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ ئۈچ مەككار تارازىغا ساختىلىق ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن 14 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ساقچى تەرەپ نەق مەيداندا ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق بۇ قارانىيەتلەر ئالداپ ئېلىۋالغان 14 مىڭ يۈەن ئارتۇق پۇلنى پۇل سانى بويىچە ياڭاق ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى. نۆۋەتتە بۇ قارانىيەت ئۇنسۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، جىنايى قىلمىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

  دېھقان نىساخان روزى مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ھەققانىيەتنى ياقلاپ، قارانىيەت سودىگەرلەرنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەردى، ناۋادا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بولمىغان بولسا بىكاردىن بىكار 500 يۈەن پۇلۇم قۇدۇققا چۈشۈپ كېتەر ئىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا كۆپ رەھمەت، مەن بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمنى ياخشى ئوقۇتىمەن، بىلىملىك ئادەم ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئالدىنىپ قالمايدىكەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر