باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇپ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇردى

2014.11.26 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 25-چېسلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا: ھەر قانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشىنى توسۇش، چەكلەش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

  پىكىر نۇسخىسىدا ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئېنىق تەبىر بېرىلدى: ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىسمانىي، روھى قاتارلىق جەھەتتىكى دەخلى-تەرۇزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان ئائىلە ئەزالىرى جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى ۋە بىللە تۇرىدىغان يېقىن تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشىمۇ ئائىلە زوراۋانلىقى دەپ قارىلىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مەخسۇس ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىش، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق. (ۋاڭ سىبېي، زو ۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر