باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇ يىل يېڭى رېكورت ياراتتى

2014.11.25 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇ يىل يېڭى رېكورت يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زەھەر مەنئى قىلىش كۆرىشىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بىكار قىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇيرۇق ئىمزالاپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇش ۋاقتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئامېرىكا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئافغانىستانغا نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ زەھەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستاندا 2014-يىلى ئەپيۈن مەھسۇلاتىدا يەنىلا تارىخىتىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەر ۋە جىنايى ئىشلار مەسىلىسى ئىشخانىسى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئافغانىستاندا بۇ يىل ئەپيۈن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 224 مىڭ گېكتار كېڭەيتىلىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %7 كۆپەيگەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2002-يىلى، تالىپان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ ئەپيۈن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 74 مىڭ گېكتار ئىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كىيىن، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشدىن ئەندىشە قىلغان. دوكلاتدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: چەتئەللەرنىڭ ياردىمىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بارغانسېرى قانۇنسىز كېرىمگە تايىنىشى مۇمكىن، دۆلەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى، دېھقانلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئەپيۈن تېرىپ كىرىم قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەر ۋە جىنايى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىماشۇ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەت مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك، بىراق ئۇ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جىنايى ئىشلارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك.

  دوكلاتدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەپيۈننىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن تەمىنلەش ئېشىپ كەتكەن .

  دوكلاتدا مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئەپيۈننىڭ مۆلچەر باھاسى تەخمىنەن 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4 نى ئىگىلىگەن.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى 2001-يىلى ئافغانىستانغا كىرگەندىن كىيىن، 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاندا زەھەرگە قارشى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان ھەمدە ئەپيۈن مەھسۇلاتىنى بىر مەزگىل ئازايتقان. بىراق يېقىندا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان ئەپيۈن مەھسۇلاتى كىشىلەردە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىشى ۋە داۋاملىشىشدىن گۇمان پەيدا قىلغان.

  ئافغانىستاننىڭ ئەپيۈن مەھسۇلاتى پۈتكۈل يەر شارى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەپيۈندىن قىلىنغان تاپاۋەت تالىپان قاتارلىق قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ راسخوت مەنبەسى بولۇپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەپيۈن مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئېشىشى ئافغانىستاندىكى پارىخورلۇق ۋە داۋالغۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ھەمدە قانۇنلۇق ئىقتىسادى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇندىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى مەخپىي بۇيرۇق چىقىرىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى بۇيرۇغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئوباما يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇزارتىشىنى قارار قىلغان. يېڭى بۇيرۇققا ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەرىكەت قوللىنىپ تالىبانغا ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى ياكى ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا تاقابىل تۇرىدىكەن؛ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىگە ياردەملىشىدىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوبامانىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ياردەمچىلىرى بۇ قارارغا قارشى تۇرغان. ئۇلار ئامېرىكا ئارمىيەسى ھايتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، تالىپانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشماسلىقى كېرەك دەپ ھېسابلىغان. ئارمىيە تەرەپنىڭ گېنېراللىرى، ئاخباراتتا تالىبان ياكى باشقا ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلاتلار ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى ئايان بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ ھېسابلىغان. ئەڭ ئاخىردا ئوباما ئارمىيە تەرەپ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرغان. ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2015-يىلدىن كىيىن قانداق رول ئوينىشى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ داۋملاشقىنىغا كۆپ يىل بولدى، يېقىندا ئىككى چوڭ ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشدە مۇنازىرە خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش بولدى.

  1. ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئوباما بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ئالدىراپ كەتتى، دەپ تەنقىد قىلىندى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە تولۇق ۋاقىت ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ تالىپاننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  2. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇزارتىشنى قوللايدىغان يەنە بىر ئامىل-ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى غەنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تالىپانغا تاقابىل تۇرۇشقا داۋاملىق ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن بولدى. غەنى يېقىندا يەنە سابىق زۇڭتۇڭ كارزائىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا بولغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىكى ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېرىم ئەسكىرى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كىتىپ، قالغان يېرىمى كابۇل ۋە بەھرامغا توپلىناتتى ھەمدە 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كېتەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر