باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكلىپ قىلغان مۇتخەسىسلەر دېھقانلار ئۈچۈن نەق مەيداندا تەجىربە يەتكۈزدى

راھىلە توختى

2014.11.26 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسىسلەر كېلىپ، كۈزلۈك باغ پەرۋىشى توغرىسىدا دەرس ئۆتتى، كېلەر يىلى 20 مو يەردىكى ئۆرۈكنىڭ مېۋە بەرمەسلىگىدىن ئەنسىرمەيدىغان بولدۇم» دېدى ئالاقاغا بازىرى چاڭگا كەنتىدىكى ئەخمەت ئابلا خوشال ھالدا.

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ كۆكەرتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىغى جاڭ دوڭيا قاتارلىق 3 مۇتەخەسىس ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقاغۇ بازىرى چاڭگا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن بۇ كەنتتە دېھقانلارغا ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مېۋىلىك دەرەخلەر پەرۋىشى قاتارلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەتتى ھەمدە يېڭى بىر خىل ئامېرىكا ئۆرۈكى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدىغان ھەر خىل ئەتىرگۈلنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن بازار ئۈنۈمىنى سۆزلىدى. ئەسلىدە 2 سائەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان دەرس 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى، نەق مەيداندا سۇئال سورىغان دېھقان 40 تىن، پىلان بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىلگەن ئېتىز 6 مودىن، كۈزلۈك ۋە قىشلىق پەرۋىش يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلغان مېۋىلىك دەرىخ 500 تۈپتىن ئاشتى.

  بۇ كەنتتىكى بېيىغان ياشلار ۋەكىلى مۇختەر بارات باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ بىۋاسىتە پايدىسىنى كۆرگەن ياش، ھازىر ئۇنىڭ 15 مو يەردە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى بار. ئۇ مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇرغا ئوخشاش مېنىڭ بېغىمغا يىتەكچىلىك قىلدى، مەن يېڭى تۈرلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئەتراپىمدىكىلەرنىمۇ بېيىشقا يىتەكلەيمەن».

  ئىگىلىنىشىچە، چاڭگا كەنتىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4000 مو، ئۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 2500 مو بولۇپ دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇلتۇر ھاۋارايى ئەھۋالى ۋە تېخنىكىلىق يېتەكلەش سىستېمىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، باغۋەنچىلىك كىرىمى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىگەن. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپسى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارنى يۆلەشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئۆزىدىكى ئەمگەك كۈچى بايلىغىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، چاڭگا كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىگە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باغ-ئورمان پەرۋىش قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مۇتەخەسىسلەرنى نەق مەيداندا تەجىرىبە يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى روزى قاسىم خوشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بۇ يەرنىڭ ئۇچۇرلىشىشى قالاق بولغاچقا مۇشۇنداق تېخنىكىلىق يېتەكلەشكە ئېرىشىش پۇرسىتىمىز ئىنتايىن ئاز ئىدى، بۈگۈن ئىنتايىن كۆپ مۇتەخەسىسلەر بىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بېيىشىمىزغا يەردەم قىلدى، راستىنلا خوشال بولدۇم، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ئاشتى».

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىغى جاڭ خەنچىڭ مۇنداق دېدى:«بىز دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق يولى بويىچە يىتەكلەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېزرەك بېيىش ماھىرلىرىدىن بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر