باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولدى

2014.11.25 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، پايتەخت كىيېۋتا كۆپلىگەن كىشىلەر مۇستەقىللىق مەيدانىغا يىغىلىپ توپىلاڭدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر تەرىپىدىن «يۈزىمىزنى چۈشۈرۈۋەتتى» دەپ قارالدى.}

  ئۇكرائىنادا نەچچە مىڭ كىشى 21-نويابىر پايتەخت كىيېۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا يىغىلىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ، قالايمىقانچىلىقتا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. شۇ كۈنى ئۇكرائىنا رەھبىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنادا سىياسىي كرىزىسى پارتلاپ، زور كۆپ قىسىم ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر كىيېۋتا ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. يىغىلىش ئېغىر قالايمىقانچىلىققا ئۆزگىرىپ، نامايىشىچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولغاندا، مۇستەقىللىق مەيدانىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە مىڭ پۇقرا ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇراسىمغا قاتناشتى، خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كىشىلەر قوللىرىدىكى شامنى يورۇتۇپ كرېست شەكلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپكە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سۈرئىتىنى قويدى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىقىنى ۋە گۈللەرنى قازا قىلغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو شۇ كۈنى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇ قولىغا شام ئىلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  بىراق ئۇنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلمىدى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نومۇس دەپ توۋلاپ، پورشىنكو ھۆكۈمىتىنىڭ پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەردە ئارقىسىدىكى قاتىلنى جازالىمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. نەق مەيداندىكى بىر قىسىم ئامما يەنە ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىمەي توختاپ قالغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  سىياسىي كرىزىس پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىل ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا يەنىمۇ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پورشىنكو 21-نويابىر زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدىن بىلەن ئۇچراشتى. پورشىنكو ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن بىدىن بىلەن ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، دۆلەت موداپىئەسى، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرىلەشتىم، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا چەتئەللەرگە ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ئىستراتېگىيەسىنى شەرھلەيدۇ.

  بىدىن سۆزىدە رۇسىيىنىڭ مىنىسكى كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازىلاش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرىدىغان بولسا، ئامېرىكا رۇسىيەنى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يىتىم قالدۇرىدۇ.

  ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەسلىدە بىدىن زىيارەتتە بولغاندا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش خىيالىدا بولغان بولسىمۇ، بىراق بىدىننىڭ ئىشخانىسى ئۇكرائىناغا ئەدلىيە ئىسلاھاتى بىلەن يېمەكلىك تەقسىماتىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 23 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى جاكارلىشى رۇسىيەنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىشى مۇمكىن.

  بىدىن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇشدىن ئىلگىرى، رۇسىيە تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇكرائىنا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك مەيدانىنى ئۆزگەرتىدىغان بولسا، ئۇنداقدا رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتدىن ئۇكرائىنانى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لوكاشىۋىچ 20-نويابىر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ئۇكرائىنانى ئەجەللىك قۇراللار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، بۇ بىر مۇھىم مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا ئايلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ سىياسىتىدە مۇھىم بۇرۇلۇش پەيدا قىلغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

  لوكاشىۋىچ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدا رۇسىيىنىڭ قارشىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇكرائىنا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك مەيدانىنى ئۆزگەرتىدىغان بولسا، ئۇنداقدا رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئۇكرائىنانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىزچىل تۈردە سۆزلەشمەي كېلىۋاتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر