خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بىيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 24-نويابىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېلنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خاگېل دېموكراتلار پارتىيەسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن تۇنجى ئىچكى كابىنېت ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئوباما شۇ كۈنى ئاق سارايدا نۇتۇق سۆزلەپ، خاگېلنىڭ شۇ كۈنى سۇنغان ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوباما خاگېلنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، «ئىسلام دۆلىتى» زەربە بېرىش ۋە ئېبولا ۋىروسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى «نەمۇنىلىك» دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دەپ ماختىدى. ئوباما مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خاگېل ھازىر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ «مۇۋاپىق مەزگىلى»دە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ كېڭەش پالاتاسى يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتىنى ماقۇللىغانغا قەدەر داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. (مو دۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى