باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ

مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتى 200 نۇقتا چۈشتى

2014.11.26 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى سودا كۈنى خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتى 200 نۇقتا چۈشۈپ، بازارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. 25-چېسلا، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى يەنىلا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگونىڭ بۇ قېتىملىق پېرېۋوت نىسبىتىنى تۆۋنلىتىشى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆسۈس ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرامدۇ؟

  ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، مەركىزىي بانكا تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىزچىل تەڭشىمىدى. ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار كۆزلىمە نىشاندىن تۆۋەن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنماسلىق قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەركىزىي بانكا «نىشانلىق قويۇۋېتىش» مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىشنى جاكارلىدى.

  مۇتەخەسسسىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە پاخاللىشىش بېسىمى كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە سەل ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلدى، ئومۇمىي جەھەتتە يەنىلا مۇقىملىقنى ساقلايدۇ.

  مەركىزىي بانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا سەل قارىماسلىق لازىم. سودىگەر چاقىرىش-ئاكسىيە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شې ياشۈەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «خەلق پۇلى داۋاملىق پاخاللىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ھەتتا قىممىتىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر