باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خاگېر دېموكراتلار پارتىيەسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلغان تۇنجى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ «ئىستېپا بەرگۈزۈلگەنلىكى» تەدبىردىكى ئىختىلاپنى ئاشكارىلاپ قويدى

2014.11.26 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 24-نويابىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېرنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بىردىنبرى ئەزا ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاتامانى بولمىش خاگېر دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلغان تۇنجى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالدى. جەمئىيەتتىكىلەر مۇنداق دەپ مۇنداق قارىدى: خاگېر نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئاق سارايدىكىلەر بىلەن بىردەك پىكىردە ئەمەس، ھازىر بېسىم ئاستىدا ئىستېپا بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى تەڭشەيدىغان ئەنئەنە بار، خاگېرنىڭ ئىستېپانامىسى پەقەت ئاق ساراي يۈرگۈزگەن «چوڭ قان ئالماشتۇرۇش»نىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى» ئاشقۇن تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلاتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشى، ئىراق يادرو سۆھبىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىق زور خىرىسلار ئالدىدا، خاگېرنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تەدبىرىدىكى ئىختىلاپىنى ئاشكارىلاپ قويدى، شۇنداقلا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدە تۈگىمەس قىيىنچىلىقلارغا تېخىمۇ پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

  خاگېرنى ئىشتىن بوشىتىشنى ئوبامانىڭ سىياسەت مەيدانىدا تۇرۇپ، ھەربىي تەرەپكە بولغان نارازىلىقىدىن بەرگەن سىگنالى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  جامائەت پىكرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: ئەسلىدە 4 يىل تولۇق خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن خاگېر زور بېسىم ئاستىدا «ئىستېپا بەرگەن». 68 ياشلىق خاگېر ئىلگىرى نېبراسكا شىتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوباما بىلەن تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا بىللە ئىشلىگەن. گەرچە ئۇلار باشقا-باشقا پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، خاگېرنىڭ ئىراق ئۇرۇشى توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرى ئوباما بىلەن بىردەك ئىدى. (ۋېن شيەن، لى بويا، لياۋ جېڭجۇن خەۋىرى ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر