باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس

2014.11.26 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بۇ يامانلىشىشنى غەرب ئەللىرىدىن كۆردى ۋە رۇسىيەنى «تۆمۈر پەردە» ئارقىسىدا يېتىم قالدۇرۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە TASS ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى، رۇبلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نېفىت باھاسىدىكى چۈشۈش، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئاپەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە يۇتىۋالغان قىرىم يېرىم ئارىلىغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ئىمبارگونىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى.

  خەۋەردە يەنە پۇتىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «تۆمۈر پەردىنىڭ بىزگە قانچىلىك زەربە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز بۇ يولغا ماڭمايمىز، ھېچكىمنىڭ بىزنى يېتىم قالدۇرالىغۇدەك تام سوقالىشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلدى.

  ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك، رۇسىيە ۋە غەربنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالغا چۈشۈپ قالدى، 4-ئايدا پارتلىغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدا پارتلىغان قانلىق توقۇنۇش ھازىرغا قەدەر 4300 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

  غەربنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان پۇتىن: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.

  پۇتىن يەنە: «رۇسىيە ئۆز خەلقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولغاندا، غەربلىكلەر ئەھۋال يامانلاشتى دەپ قارايدۇ، سىزنىڭچە بۇنىڭغا ئۇكرائىنا شەرقىي رايونىدىكى كرىزىس ۋە قىرىم ئارىلىغا تۇتقان مەيدانىمىز سەۋەبچىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ ئىككى ئىشقا بولغان مەيدانىمىز بولمىغاندىمۇ، ئۇلار باشقا ئىشنى باھانە قىلىشاتتى، ئۇلارنىڭ باھانىسى كۆپ» دېدى.

  نېفىت باھاسى ۋە ھوقۇق

  ئىمبارگو سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ئاجىز ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىدى، رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشتى. بۇ يىلدىن بېرى رۇبلى كۇرسىنىڭ 1\3 قىسىمى چۈشتى، نېفىت بولسا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن بىرى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى رۇسىيە ئۈچۈن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.

  «ئەگەر نېفىت باھاسى قەستەن چۈشۈرۈلگەن بولسا، باھا چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ زەربە بولىدۇ» دېدى پۇتىن، ئۇ يەنە، «ئامېرىكا ۋە سەئۇدى قاتارلىق ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر رۇسىيەگە زەربە بېرىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈپ، نېفىت باھاسىنى چۈشۈردى» دېدى.

  پۇتىن: «ئامېرىكا سلانېتس نېفىتى، لىۋىيە ۋە سەئۇدى، يەنە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى سودىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان تەمىنلەشتىكى زىيادىلىك، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.

  رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تۇرغۇنلۇققا پېتىپ قېلىشى قاتارلىق مۇمكىنچىلىكى بولغان ئاقىۋەتلەرگە، پۇتىن ئانچە ئېرەن قىلمىدى.

  «نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە رۇبلى كۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ زىيىنىنى ھەممە كىشى تارتىدۇ. ئىمبارگونىڭ بىز ئۈچۈنلا بېسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!» دېدى پۇتىن.

  پۇتىن 2018-يىللىق سايلامدا پرېزىدېنتلىقنى يەنە تالىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش ئۈمىدى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر