باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە تاراتقۇلىرى: رۇسىيە چاۋشيەندە بازا قۇرمايدۇ، كورىيەگىمۇ تاجاۋۇز قىلمايدۇ

2014.11.28 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركەز شۇجىسى سۈي لۇڭخەي 24–نويابىر رۇسىيەدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ، پىيۇڭياڭغا قايتىپ كەتتى. «رۇسىيە ئاۋازى» رادىيو ئىستانسىسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: سۈي لۇڭخەي بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەر سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئالتە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلدى: پىيۇڭياڭ 2005–يىلدىكى بىرلەشمە بايانات ئاساسىدا، شەرتسىز ھالدا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇ خىل مەيداننى قوللايدۇ، ھەمدە باشقا قاتناشقۇچىلار، ئالدى بىلەن ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىرگە بۇ خىل مۇھىم سىياسىي مۇساپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  لاۋروف چاۋشيەن ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى بارلىق دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئاساستا ھەل قىلىش كېرەك. بىز بۈگۈنكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مانېۋىرلارى ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرىمىز، گۇرۇھنىڭ مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە قارشى تۇرىمىز».

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ خىل شارائىت ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ چاۋشيەندە بازا قۇرۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھېچقانداق داۋلىسى يوق. يېقىندا ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ خىل ئاتالمىش «رۇسىيە تاراتقۇلىرى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ شۇنداق خەۋەر بەرگەن ئېدى، بۇ پۈتۈنلەي ئىغۋاگەرچىلىك بولىدۇ.

  رۇسىيە تۆۋەن پارلامېنتى—دۇما دۆلەت موداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى لىنوۋوسىلوۋ مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇ خىل خەۋەر پەقەتلا كورىيەنى چۆچۈتۈش ئۈچۈن. راست، يېقىندا رۇسىيە چاۋشيەن بىلەن سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتتى. رۇسىيە يەنە كورىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنىمۇ ناھايىتى ئۈمىد قىلىدۇ، كورىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمىدى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزمىدى. بۇ خىل شارائىت ئاستىدا، رۇسىيە ئۇ يەرلەردە ھەرگىزمۇ بازا قۇرۇپ يۈرمەيدۇ».

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ۋولونزوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ياپونىيە بىلەن كورىيە تاراتقۇلىرى تەھدىت خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى بېسىشنى ياخشى كۆرۈدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ئادەتتىكىچىلا چۆچۈتۈپ قويۇش، ئۇلار دائىم رۇسىيە كورىيەنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ، دەپ قىياس قىلىشىدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق».

  ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، چاۋشيەن رۇسىيەنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى. رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنى، يادرو قوراللىرىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە تەرەپ دەل مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن بارلىق سىياسىي، تاشقى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى خالايدۇ، ئېنىقكى بۇنىڭ ئىچىدە قورال كۈچى ۋاسىتىسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر