باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭلىق يىغىپ ساقلىغۇچى «قەشقەر قىزى»نى جىددىي ئىزدەيدۇ

2014.11.28 11:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭلىق يىغىپ ساقلىغۇچى ئابدۇكېرىم نەسىردىن سىزغان «قەشقەر قىزى» ناملىق رەسىمنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىپ بەرگۈچىگە 100 مىڭ يۈەن سۈيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پۈتۈن مەملىكەتكە خەت تارقاتتىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماڭا ياردەملىشىپ «قەشقەر قىزى»نى تېپىشىپ بېرىڭ. بىر ھەپتىدىن بۇيان، بېيجىڭدا يۇمشاق دېتال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساۋ خۇي كۈندە ئوخشاش بىر ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنى تەكرار يوللاۋەردى. بۇ يوللانمىنى ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 30 نەپەر رەسىم كارىدورىنىڭ خوجايىنى تاپشۇرۇپ ئالالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەسىم كارىدورى ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەي، تەيۋەن قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان. بۇ يىل 18-نويابىردىن باشلاپ ساۋ خۇيدا بۇ خەتنى يوللاش ئىستىكى پەيدا بولغان. ئۇ كۈنى، ئۇ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «ئابدۇكېرىم كەتتى»دېگەن يازمىنى تارقاتقاندىن كېيىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسىرى «قەشقەر قىزى»غا بولغان سېغىنىشى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن.

  ساۋ خۇينىڭ «قەشقەر قىزى»غا بولغان مەستانىلىقى كەسىپداشلار ئارىسىدىكى قىزغىن پاراڭ بولۇپ قالدى. مەزكۇر گېزىتىنىڭ 6-مارتتىكى B9-بېتىگە «قەشقەر قىزى سەن نەدە» دېگەن يازما بېسىلغان ئىدى.

  26-چېسلا، مۇخبىر نەزىرىنى ساۋ خۇينىڭ 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىپ «قەشقەر قىزى»نى ئىزدەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاغدۇردى. ساۋ خۇي گەرچە يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئارزۇسىدىكى قىزنى تاپالمىغان. ئابدۇكېرىم ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەسىرى زادى نەدە؟ شۇڭلاشقا ساۋ خۇي 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە بۇ ئەسەرنى ئىزدەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

  ساۋ خۇي بۇلارنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىكەن. «مەن ئەمدىلا ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ بولدۇم، 5-دېكابىر ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچىمەن.» ساۋ خۇينىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ ئابدۇكېرىمنىڭ يۇرتى، شىنجاڭدا «قەشقەر قىزى»نى ئۇچرىتىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ساۋ خۇي مۇخبىرغا بۇ ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان «قەشقەر قىزى»نى ئىزدەش ئۈچۈن ئونىنچى قېتىم بىلەت زاكاز قىلىشى ئىكەن. 2011-يىلى 9-ئايدا ئۇ قەشقەرگە باردى؛ بۇ يىل 7-ئۆكتەبىر تەيۋەنگىمۇ باردى. يۈزەكى ھېسابلىغاندىمۇ ئۇنىڭ قەشقەر قىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن قىلغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ چىقىمۇ 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.ساۋ خۇينىڭ قارىشىچە، ئابدۇكېرىمنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇ ئۇيغۇر قىزى مەيلى رەڭ جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئوبراز يارىتىش جەھەتتە بولسۇن، باشقا رەسىملەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىكەن. شۇنداقلا بۇ رەسىم ئابدۇكېرىمنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەسىپداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرشىكەن ئىكەن. بۇ بىر پارچە رەسىمنى يىغىپ ساقلاشمۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىكەن.

  ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسىرىگە بولغان مەستانىلىق ساۋ خۇيدىلا بولغان ئەمەس. ئۈرۈمچىدىكى تىجارەتچى دۇەن گاڭ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان ئابدۇكېرىمنىڭ ئىسمى مەملىكىتىمىزنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدىكى بىر ئالاھىدە بەلگە بولۇپ قالدى، بىر قىسىم مۇئەييەن ئىقتىسادىي كۈچى بار، ماي بوياق رەسسامچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇكېرىمنىڭ ئەسىرىنى 100 مىڭ يۈەنگە سىتىۋېلىشنى خالايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ ئابدۇكېرىمنىڭ رەسساملىقتا رەڭ ئىشلىتىشكە دادىل، رەسىملىرىنىڭ كۆزگە يېقىشلىق بولۇپ، بەدىئىي قىممىتى يۇقىرى، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسىي سەۋەب.

  ئۈرۈمچىدىكى تىجارەتچى خەنيىڭ: ئابدۇكېرىم گەرچە شىنجاڭلىق ماي بوياق رەسسامى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نامى ئاللىقاچان ھەر جايلارغا تارقالدى. ئۇ ئۇچراشقان ئابدۇكېرىمنىڭ رەسىملىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئىچىدە، گۇاڭجۇ، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەۋەسكارلارمۇ بار ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر