باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭى ئىشخانا ئۆلچىمى بارلىققا كەلدى

2014.11.28 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىشخانا ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى؛ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىدە چوڭ مەيدان، باغچىلارنى سەپلەشكە بولمايدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى» نى ئېلان قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىشخانىلىرىنى كۆلەم، ئۆلچەم ۋە مەبلەغ ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ سېلىشنى تۇنجى قېتىم ئېنىق مەنئى قىلدى؛ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە چوڭ مەيدان ۋە باغچا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەشنى چەكلىدى.ئۆلچەم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاشخانا قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىگە تۇنجى قېتىم چەك قويۇلدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1999-يىلى «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا قۇرۇلۇش ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىشخانا ئۈنۈمىدە زور پەرق بارلىققا كەلدى. «يېڭى ئۆلچەم»دە «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچىللىقنى يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى، كۆلىمى ۋە ئۆلچىمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى؛ نۇرغۇن جەدۋەل، رەسىملەر ئارقىلىق تۈرلۈك ئۆلچەملەر چۈشەندۈرۈلدى. «يېڭى ئۆلچەم» مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، مەجبۇرلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە. «يېڭى ئۆلچەم»دە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئۈچ خىلدىن بەش خىلغا كۆپەيتىلدى، «1999-يىللىق ئۆلچەم»گە يېزا (بازار) دەرىجىلىك ئورگانلار كىرگۈزۈلمىگەنىدى، بۇ قېتىم مەركەز ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگان، شەھەر دەرىجىلىك ئورگان، ناھىيە دەرىجىلىك ئورگان، يېزا دەرىجىلىك ئورگان قاتارلىق بەش تۈر كىرگۈزۈلدى. (لۇ يانەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر