باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ

2014.11.28 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە يېتىپ باردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئەۋەتتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بىرەر يىلدىن بۇيان چىقارغان بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، زور-تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىشىنى، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەمەلىي ئىشلەشنى ئەلا بىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش»تەك ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر