باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسون دېلوسىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈزۈلمىدى

2014.11.28 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتلىق يەرلىك زاسېداتېللار ئۆمىكى ئافرىقىلىق ياش مايكول بروۋېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى دالون ۋېرسۇن ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتنى بىكار قىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ۋاشىنگىتون، نىيۇيورك، لوس ئانجىلس، ئوكلان قاتارلىق شەھەرلەردە ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى توختىمىدى ھەتتا مالىمانچىلىق كېلىپ چىقتى.

  ئۆتكەن ئىككى كۈندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ھەر كۈنى نەچچە يۈز كىشى ئاق ساراينىڭ ئالدىغا يىغىلىۋېلىپ مىسسۇرى شتاتلىق يەرلىك زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ قارارىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى، كىشىلەر « ساقچىلارنىڭ ئىرقىزىم زوراۋانلىقىنى تۈگىتەيلى» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز، ئەدىلىيەدە ئادىل بولۇشنى مۇراجئەت قىلىمىز دەپ شوئار توۋلىدى.

  نىيۇيۇركتا 25-نويابىر كەچقۇرۇن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئالدى بىلەن مانخاتتان بىرلەشمە مەيدانىغا يىغىلىپ، كەينىدىن نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ نامايىش قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە ئاز دېگەن 10 ساقچى قولغا ئېلىندى. لوس ئانجىلستا ئامما مىسسۇرى شتاتلىق يەرلىك زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ قارارىغا داۋاملىق ئېتىراز بىلدۈردى، ساقچى دائىرىلىرى ئىھتىيات ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئوكلان شەھىرىدە نەچچە يۈز كىشى ئۇدا ئىككى كۈن ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. كىشىلەر «ئەدىلىيەدە ئادىل بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئوكلان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھەمدە ئەتراپتىكى كوچىلاردا نامايىش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر